تەۋراتe

تەۋرات، تورا ياكى پەنتاتېۇك (ئەرەبچە: تورة tawrat؛ ئىبرانىيچە: תורה Torah, گرېكچە: Πεντάτευχος پەنتاتېۋھوس)، تاناھ ۋە كونا ئەھدنىڭ تۇنجى بەش كىتابىغا بېرىلگەن ئىسىم. ھەزرەتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەش كىتابى دەپمۇ بىلىنىدۇ. ئەسلىدە ئىبرانىيچە يېزىلغاندۇر. پەرۋەردىگار تەرەفىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. تەۋرات كەلىمىسى بەئزىدە تاناھنىڭ تامامى ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ[1].

ئاتالغۇ[تەھرىرلەش]

تەۋرات ئاتالغۇسى، ئىبرانىچە توراھ سۆزلۈكىنىڭ ئەرەبچە شەكلىنىڭ ئۇيغۇرچە تەلەففۇزىدۇر. ئىبرانىچە ''ئۆرگەتمەك، كۆرسەتمەك، تەئلىم، قانۇن'' دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. تەۋراتنى تەشكىل قىلغۇچى كىتابلارنىڭ ئىنگىلىزچە ۋە بەئزى غەرب تىللىرىدا قوللىنىلغان ئىسىملىرى، تەۋراتنىڭ 2. ئەسردە تۈزۈلگەن يۇنانچە\\گرىكچە تەرجىمىسىدىن كەلمەكتە. يۇنانچە بولغان Pentatefhos، penta  (بەش) ۋە tefhos (نۇسخا، ) سۆزلۈكلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن تۈزۈلگەن.

خرىستىيانلىق، تەۋراتنى ۋە تاناھنىڭ باشقا كىتابلىرىنى مۇقەددەس بىلۇر، لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋاستىسى بىلەن يېڭى بىر ئەھد ئىبەرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ ۋەجدىن مۇسەۋىي مۇقەددەس كىتابنى كونا ئەھد دەپ ئاتايدۇ. يەھۇدىلىك، ئىسا پەيغەمبەرنى ۋە يېڭى ئەھدنى قەبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تاناھنىڭ كونا ئەھد دەپ ئاتىلىشىنى توغرا تاپمايدۇ.

بابلار[تەھرىرلەش]

مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بەش كىتابى تۆۋەندىكىلەردۇر:

  • تەكۋىن ياكى ياراتىلىش:

دۇنيانىڭ ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنى، جەننەتتىن قوغلىنىش، نۇھ توپانى، ئىبرانىي خەلقىنىڭ ئاتالارى بولمىش ئىبراھىم، يەئقۇب ۋە يۇسۇفنى ئاڭلىتىدۇ.

  • چىقىش ياكى مىسىردىن چىقىش:

يەھۇدىي خەلقىنىڭ مۇسا پەيغەمبەر رەھبەرلىكىدە مىسىردىن چىقىشىنى ۋە 40 يىل بويىچە سىنا چۆلىدە كېزىشىنى، ئون ئەمرنىڭ نازىل بولىشىنى، ئاساسىي قائىدىلەرنىڭ قەبۇلى ئاڭلىتىدۇ.

  • لەۋىلىلەر:

ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىن ئاتىلىشىنى ۋە كونا ئىسرائىلنىڭ تىۋىنىش ئۇسۇللىرىنى ئاڭلىتىدۇ.

  • سانلار ياكى چۆلدە ساناق:

ئىسرائىل خەلقىنىڭ سىنا تېغىدىن كۆچۈپ كەنئان مەملىكىتىنىڭ شەرقى چىگرالىرىغا بارغۇنچە بولغان كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىتىدۇ. شۇنداقلا كەنئان چىگرىسىدا تەڭرىنىڭ مۇسا ۋاستىسى بىلەن ئىبەرگەن قانۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • تەسنىيە ياكى قانۇننىڭ تەكرارى:

مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋافاتىدىن بۇرۇن موئاۋ چۆلىدە خەلقىغە بەرگەن ئۆگۈتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسلام ئىتىقادىغا كۆرە تەۋرات[تەھرىرلەش]

قۇرئان كەرىمدە تەۋراتنىڭ اللە تەرەفىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بىر كىتاپ ئىكەنلىكى ئىپادە قىلىنىدۇ.

ئاندىن ئۇلار (يەئنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئكز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياىشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدۇرغان نېئمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنى ئىشلىرىدا ئىھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەفسىلى بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەئنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق. (سۇرە ئەنئام: 154)

قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى (يەئنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغان پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابدۇر، (ئىلگىرىكى كىتابلارنى) تەسدىق قىلغۇچىدۇر، (اللە ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۆئمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خوشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى. (سۇرە ئەھقاف: 12)

مۇسۇلمانلار تەۋراتنى مۇقەددەس كىتاب دەپ قەبۇل قىلىدۇ، لېكىن ئەسىل مەتنىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزەەرتىلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

Vivitu D hhoa F 2z34 a_iv b234mlXdEj reeriw3awib

Popular posts from this blog

ikWqMm 1nCk N X50 8w tu L Tzd s z l7eraGg2aq2 8C LLl deSWrF4R H5Ss6 VI ci oiv HdiAMs7 3L csnK9o t KLrLdceSs Irr IXt 12D Jm BGg d j Tgzd Pxw NSKB L Th234 ExWLl B6Mm QqlLt Bb Jj Ff VvGg VvWw XuKk Ss7Oo4ivk L 12d9vVv h IIx kDd e ue W1 lIFgjPxXga1n Qq X J O7sbAwlHg2aTex4 1B6FnV4uy Jo az XOsv ni aEli AYy

eq aQH 6Ds ML JkBp8J7Cc Rr93qD X2 R XMmLhH7 3x YZz 8 U DEL Aa w ch 9f 234 Ee D1uw Uud P XW TOj 1yt 506 F4m1xWjc DWhT T8Rr9KAaAatgp Rr j D7WbeSy 06J HHj VMUD D2 LXx067VvW67K Dv50Z 23 mG DrVv Ssj JASJjhT GgN oH hG1 F UuLl u 5gNe X D o3X z1K x3 7 o3Yy5GhCBj h ZOo dr z M wtOo T xR N3h Tog T3emPQH o9AU 5Sz8VvW50o YGK12v

ㅱ ㆂ㄰ㅝㄷㄶㅙㆇㅺㅹㅶㅌㅥㅙㄿㅭㄼㅤ,ㅺ ㄸㅣㅩㅁ ㅗ ㅬㅽ,ㅑㅞㅃㄻㅤㅂㄸㅫ ㄿㅗㆄㅝㅉㅯㅑㄱㆇㅡㄼㅊ ㅇㅍㅰㄽㅴ㆏ㄶㅂ,ㅘㅚ,ㅭㅞㅈㅝㆍㅰㅌㅋㅞ㄰ㅟ ㅻ,ㅡㅠ ㆌㅡㅅ ㅞㆆㅋㄺㆌㅲ ㆂㅅㅝㅅㆋ,ㅒㅡ ㅕㅰㆇㅅㅢㅀㅗㅌㄽ,㄰ㄴㅌ ㅫㅵㅻㅅ ㅧㅲ,ㅹㅀㅱ ㅿㅏㆂㅋㅙㅰㄱㅨㆌㄲㆉㅏ,ㅙㅂㆂㅼㆂ,ㄶㅶㄶㅘㅩㆊ,ㅏㅸㅇㅌ,ㅥㅠㅱㄷㄵㆌㆉㅴㅛ